ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستان دوكلاتى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىق كۈنىدە خەلقئارا جەمئىيەت تەنقىدلەندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى ئېلان قىلىنغانلىقىغا دەل بىر يىل بولغان كۈندە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 31-ئاۋغۇست ئورگان تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغانلىقىغا دەل بىر يىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى ۋە بۇ بىر يىل جەريانىدا ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن كەسكىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ب د ت دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىنكاسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا يەنە ب د ت نىڭ نۆۋەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېنىق تەكىتلىمىگەنلىكى تەنقىدلەندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت بۇلتۇر 31-ئاۋغۇست ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان ئاخىرقى پەيتلەردە، خەلقئارا جەمئىيەت كۈتكىلى ئۇزۇن بولغان شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار دوكلاتنى ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر 48 بەتلىك دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان قىلمىشلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەنىدى.

ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشتىكى يانتايىقى ۋە قورالىغا ئايلاندى» دەپ بىلجىرلىغانىدى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى بىلەن ھەمكارلىقنى توختاتقانىدى.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1543 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2023 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق