ئامېرىكا سودا مىنىستىرى: خىتاي مەبلەغ سېلىشقا بولمايدىغان ھالغا كېلىشى مۇمكىن

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رېيموندو خىتايدا خەلقئارالىق مەسلىھەت بېرىش شىركەتلىرىگە قىلىنىۋاتقان بېسىپ كىرىش ۋە شىركەتلەرگە قارىتا سەۋەبسىز جەرىمانىلەرنىڭ بۇ دۆلەتنى ئامېرىكا سودا جەمئىيىتى ئۈچۈن «مەبلەغ سېلىشقا بولمايدىغان» ھالغا ئەكېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى رېيموندو تۈنۈگۈن تۆت كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى شاڭخەيدىكى بوئىن شاڭخەي ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشىدا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىگە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سودا مۇھىتىغا بولغان ئەندىشىسىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان.

رېيموندو ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ يىل خىتايدا يولغا قويۇلغان جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىدىكى ئېنىقسىزلىق، مەسلىھەت بېرىش شىركەتلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇم، سانلىق مەلۇمات تەكشۈرۈشىنىڭ چىڭىتىلىشى ۋە قائىدىنىڭ ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر ئۇچۇرلارنىڭ يوقلۇقىدىن ئاغرىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا قەدەم بېسىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بولغاندا، ئۇلار سودا مۇھىتى «بەك خەتەرلىك»، ھەتتا «مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ» دەپ يەكۈن چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رېيموندو شىركەتلەرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي رىقابەتچىلىرىنىڭ تېخنىكا ئوغرىلاش ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلمىشلىرى ھەققىدە ئاغرىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇلارنىڭ سەۋرى تۈگەش ئالدىدا» دېگەن جۈملىنى ئىشلەتكەن.

رېيموندو خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان 24 ماددىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش پىلانىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز سۆزلەنگەن بۇ پىلاننى ئەمەلىيەتتە ساھەدە كۆرۈشىمىز كېرەك» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2065 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2023 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق