خىتاي ھەرقانداق ئۆزەكنى سېتىۋېلىشقا باشلىدى

خىتاي رېجىمى ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېمبارگوسىغا قارشى تېز ھەرىكەت قوللىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى يېقىنقى ئايلاردا ئالاھىدە ھەرىكەتلەنگەن. بولۇپمۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىمپورتىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولغان. تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 6- ۋە 7-ئايلاردىكى ئىمپورت تەخمىنەن بەش مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %70 ئاشقان. بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 2 مىليارد 900 مىليون دوللار ئاشقان.

بۇ ئېشىش ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىلغار ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويۇشنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى بېسىلغان ئىستراتېگىيىلىك ھەرىكەت دەپ قارالغان بولۇپ، بۇ چەكلىمىلەرنىڭ مەقسىتىنى خىتاينىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى تېز ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشنى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى مەسىلىسىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، SMIC  ۋە YMTC قاتارلىق چەت ئەلگە تايىنىدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىدە چەت ئەلگە ئېغىر مۇھتاج ئىكەنلىكى، بۇ شىركەتلەرنىڭ زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرگە، بولۇپمۇ ئامېرىكا، گوللاندىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تايىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.  ئامېرىكىنىڭ 2020-يىلدىكى چەكلىمىسىدىن كېيىن، گوللاندىيەدىن ئىمپورتنىڭ بىر قاتلىنىشى خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئوپتىكىلىق ئويما ماشىنىلىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى، ياپونىيەدىن كېلىدىغان ئىمپورتنىڭمۇ كۆپەيتىلىشى قاتارلىقلار خىتاينىڭ جازالارنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ بولغۇچە تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1757 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2023 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق