ئەنگلىيە پارلامېنتى تەيۋەنگە «مۇستەقىل دۆلەت» دەپ ئېنىقلىما بەردى

ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېيمىس كىلېۋېرلىينىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان رەسمىي ھۆججەتتە تەيۋەنگە تۇنجى قېتىم «مۇستەقىل دۆلەت» دەپ ئېنىقلىما بەردى. تەيۋەن ئەنگلىيەگە رەھمەت ئېيتتى ۋە خىتاي بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس قايتۇردى.

تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاي-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان كەسكىن بىر قەدەم باسقان بولۇپ، تەيۋەن ئەنگلىيە تۆۋەن پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا تۇنجى قېتىم «مۇستەقىل دۆلەت» دەپ تىلغا ئېلىنغان.

كومىتېت دوكلاتىدا: «تەيۋەن ھازىر خىتاي جۇمھۇرىيىتى نامىدا مۇستەقىل بىر دۆلەت. تەيۋەن دائىملىق نوپۇسقا ئىگە، ئېنىقلىما بېرىلگەن رايون ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دۆلەت بولۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بارلىق سۈپەتلەرگە ئىگە. بىردىنبىر كەم يېرى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە خەلقئارالىق ئېتىراپ قىلىنىشتۇر» دېيىلگەن.

كومىتېت رەئىسى ئالىكيا كېرنس ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ دوكلاتتا تۇنجى قېتىم بۇنداق باياناتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ ئەنگلىيەنىڭ قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيادىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ زوراۋانلىق ياكى مەجبۇرلاش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلمەيدىغانلىقىغا دائىر ئاچچىق ئۇچۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.

دوكلاتتا يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەنقىد قىلىنىپ، تەيۋەننى قوللاشتا تولۇق جاسارەتلىك بولالمىغانلىقى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئەنگلىيە ئەگەر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى بىئارام قىلىشتىن بەك ئېھتىيات قىلىپ كەتمىگەن بولسا، تەيۋەن بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تەيۋەننىڭ ئورنىنى قوللىغانلىقى ۋە تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق سورۇنلارغا قاتنىشىشىغا ھەمدەمدە بولغانلىقىغا مىننەتدارمىز» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بولسا دوكلاتتىكى باياناتقا قارشى چىقىپ: «خىتاي ئەنگلىيە پارلامېنتىنى بىر خىتاي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بېرىشنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1643 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2023 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق