ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى 30-ئاۋغۇست خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىمۇ تىلغا ئالغان.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېيمىس كىلېۋېرلى 30-ئاۋغۇست خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ بەش يىلدىن بۇيان خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھېسابلىنىدىكەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جېيمىس كىلېۋېرلى بېيجىڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن خىتاي رېجىمى مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھەر قېتىملىق كۆرۈشۈشتە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جېيمىس كىلېۋېرلى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاينىڭ يالغۇز قالدۇرۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، ئەنگلىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئەنگلىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جېيمىس كىلېۋېرلى زىيارەت جەريانىدا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، خىتاينى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا قاراتقان جازانى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ يەنە ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكى، ئەنگلىيەنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت مەسىلىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم