فېيسبۇك خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىنى بىتچىت قىلدى

فېيسبۇكنىڭ باش شىركىتى مېتا نەچچە مىڭلىغان فېيسبۇك ھېسابىنى بىكار قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ھېسابلار خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش، غەرب ئەللىرىنى تەنقىد قىلىش ئۈچۈن پىلانلىق ھەرىكەت قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مېتا شىركىتى 29-ئاۋغۇست 7700 دىن ئارتۇق فېيسبۇك ھېسابى ۋە 15 ئىنستىگرام ھېسابىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ شىركەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تازىلاش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

مېتا شىركىتىنىڭ تور تەھدىتىگە ئالاقىدار دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەخلەت ھېساب ۋە ساختا ھېسابلار فېيسبۇك، ئىنستىگرام، تىۋىتتېر، تىك توك قاتارلىق 50 نەچچە تور سۇپىسى ۋە مۇنبەرلەردە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغان. مېتا شىركىتىنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارى بۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ زور كۆلەملىك مەخپىي تەسىر كۈچ ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ مەزكۇر مەخپىي ھەرىكىتىدە ساختا ھېسابلار خىتاينى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىنى ماختايدىغان مەزمۇنلارنى، شۇنداقلا غەرب ئەللىرىدىكى خىتاينى تەنقىد قىلىدىغان سىياسىيون، ژۇرنالىست ۋە ئاكادېمىكلارنى تەنقىدلەيدىغان مەزمۇنلارنى كۆپلەپ تارقاتقان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولسا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، ياپونىيە، تەيۋەن ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى خىتايچە سۆزلەيدىغان ئامما ئىكەن.

مېتا شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ھېسابلار خىتاينىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھەرىكەتلىرى ناھايىتى مەخپىي ئىكەن. گەرچە ئۇلار چەت ئەلدىكى ھەرقايسى تور سۇپىلىرىدا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، كۈتكىنىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 30-ئاۋغۇست مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ساختا ئۇچۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئىكەنلىكىنى، مېتا شىركىتىنىڭ قوش ئۆلچەم قوللىنىشتىن ساقلىنىپ، خىتايغا قارشى ساختا ئۇچۇرلارنى تازىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1536 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2023 11:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق