پۇتىننىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىنىڭ خىتايدا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

رۇسىيە پىرىزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، تۇنجى زىيارىتىنىڭ خىتايدا بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆكتەبىردە خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇنبىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

T24 نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە چىقىشقا قوشۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىلۇمبېرگ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۈچ مەنبەنى ئاساس قىلىپ، كىرېمىل سارىيىنىڭ پۇتىننىڭ ئۆكتەبىردىكى «بىر بەلباغ، بىر يول مۇنبىرى» ئۈچۈن خىتاي زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرگەن بولۇپ، يەنە بىر مەنبەنىڭ ئېيتىشىچە، پۇتىن خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان. كىرېمىل سارىيىنىڭ دىپلوماتىيە ياردەمچىسى يۇرى ئۇشاكوف 7-ئايدا پۇتىننىڭ مۇنبەر ئۈچۈن خىتاينى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 3-ئايدا قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان رۇسىيەدىن ئايرىلمىغان پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ئىشغال قىلغان رايونلىرىنى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، ئالدىنقى ھەپتە جەنۇبى ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا مەزكۇر دۆلەتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئىمزا قويغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۇتىننى قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن قاتناشمىغانىدى. ئۇ يەنە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىغا ئۆزىنىڭ كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

بىلۇمبېرگ بىلەن سۆھبەتلەشكەن مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، پۇتىن پەقەت بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلالايدىغان دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشنى خالايدىكەن، خىتاي بولسا بۇ جايلارنىڭ بىرى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1925 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2023 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق