خىتاي رېجىمى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىدىن ئىبارەت نوپۇس كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن خىتايلارنى بالدۇر توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.
خىتاينىڭ شەرقىدىكى چاڭشەن ناھىيەسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ناھىيەدىكى 25 ياشتىن بۇرۇن توي قىلغانلارغا مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش تولۇقلىما پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، بۇ تەدبىر ياشلارنى بالدۇر توي قىلىش ۋە بالدۇر پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. بۇ خىتاي رېجىمىنىڭ نوپۇس كۆپەيتىشكە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى تەدبىرلىرىدىن بىرى ئىكەن.
خىتاي تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىدىن ئىبارەت نوپۇس كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇندىن باشقا خىتايدا توي قىلىش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقى توي قىلىش نىسبىتى 1986-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان. بېقىش خىراجىتىنىڭ زىيادە يۇقىرىلىقى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبلىك، خىتايلار كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى، ھەتتا پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغان.
گەرچە خىتاي رېجىمى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان نوپۇس چەكلەش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرگۈزۈش قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تېررور سىياسىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم