خىتاي رېجىمى يېڭى نۇسخىدىكى ئاتالمىش «ئۆلچەملىك خەرىتە»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، تالاش-تارتىشلىق رايوننى خىتاي تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈشى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى.
خىتاي رېجىمى 28-ئاۋغۇست جېجياڭ ئۆلكىسىدە «2023-يىللىق ئۆلچەش-سىزىش قانۇنى تەشۋىقات كۈنى ۋە دۆلەت تېررىتورىيەسى ئېڭى تەشۋىقات ھەپتىلىكى» نامىدا پائالىيەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئاتالمىش «2023-يىل نۇسخىسىدىكى ئۆلچەملىك خەرىتە»نى ئېلان قىلغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇندىن كېيىن ئاخبارات-تەشۋىقاتتا، كىتاب-ژۇرناللاردا، گېزىتلەرنىڭ قىستۇرما رەسىملىرىدە، ئېلان-كۆرگەزمىلەردە، ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىدا ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى خەرىتە ئىشلىتىلىشى كېرەك ئىكەن.
مەزكۇر ئاتالمىش «ئۆلچەملىك خەرىتە» تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، تىبەت بىلەن ھىندىستان چېگراسىدىكى ئارۇناچال رايونى ۋە شەرقىي تۈركىستان، كەشمىر، تىبەت چېگراسىدىكى ئاكساي چىن رايونىمۇ خىتاي تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ سەۋەبلىك ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جايشانكار بۇ ھەقتە قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىنى ئۆز خەرىتىسىگە كىرگۈزۈۋېلىش خىتاينىڭ كونا ئادىتى ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ خىل ئۇرۇنۇشلارنىڭ رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ چېگرا تالاش-تارتىشىدىكى قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي رېجىمى 2017-يىلىدىن تارتىپ ئارۇناچال رايونىدىكى يەر ناملىرىنى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتكەن. ھىندىستان بولسا خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم