خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشى پاي چېكى بازىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى مەبلەغ سالغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، چەت ئەل مەبلىغى تۆۋەنلىشىنىڭ بۇ ئايدا رېكورت يارىتىشىنى توسۇپ قالالمىدى.
بىلۇمبېرگ تورىنىڭ 29-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار خىتايدىن يىراقلاپ، پاي چەكلىرىنى سېتىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بازارنى قوزغىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەندىشە ئالدىدا قانداق تىركىشىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەرگەن. يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، سانائەت پايدىسى 7-ئايدا بىر يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %6.7 تۆۋەنلىگەن.
بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار ھەقتە توختىلىپ: «ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا قوللانغان تەدبىرلەر چېكىنىشنى توختىتىشقا يەتمىدى، ئەگەر ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلمىسا، ئۈنۈمى قىسقا بولىدۇ. تېخىمۇ قاتتىق رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى بولمىسا، پاي بازىرىغا مەركەزلەشكەن سىياسەتلەرنىڭ ئىجابىي تەسىرى چەكلىك بولىدۇ» دېگەن.
پاي چېكىگە مەبلەغ سالغۇچىلار خىتاي رېجىمىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇرۇنۇشلىرى بازارنىڭ تۆۋەنلىشىنى توسۇپ قالالمىغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىشنى ئۈمىد قىلىشقان. بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چەت ئەللىكلەر بىر ئاي ئىچىدە 11 مىليارد دوللارلىق پاي چېكىنى ساتقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى بازار كەيپىياتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر قوللانغان بولسىمۇ، يېتەرلىك تەسىرى بولمايۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر