خىتايدا قاتتىق يامغۇر ۋە بوران سەۋەبىدىن تۆت خىتاي ئۆلدى، 48 خىتاي يوقاپ كەتتى

خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى جىنياڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن قاتتىق يامغۇر ۋە بوراندىن كېيىن، تۆت خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 48 خىتاينىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ج خ تارمىقى 21-ئاۋغۇست خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ جىنياڭ ناھىيىسىدە قاتتىق يامغۇر ۋە بوران سەۋەبلىك يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يېتىم ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان. ئۇلار ئاپەت يۈز بەرگەندە 201 كىشىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ 149 ىنىڭ ھايات قالغانلىقىنى دەلىللىگەن ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا قۇرۇلۇش شىركىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋاسىتىچى شىركەتتىن بەش خىتاينىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ ۋەقەنى دوكلات قىلمىغان ياكى ۋەقە توغرىسىدا قەستەن يالغان ئۇچۇر بەرگەن، دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئېغىر ئاپەتلەر خىتايغا قاتتىق زەربە بەرگەن بولۇپ، خىتاي بۇ يىل يازنى قاتتىق ئىسسىق ۋە كەلكۈن ئاپىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن. خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە پۈتۈن خىتايغا تەمىنلىنىدىغان ئاشلىق مەنبەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇزۇلغان. ئىلگىرى ئەزەلدىن پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان رايونلارمۇ بۇ يىل كەلكۈنگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاينى تېخىمۇ ناچار كۈنلەر كۈتمەكتىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدا يېقىنقى 10 يىلدا خاتىرىلەنگەن كەلكۈن سانى 10 ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئىيۇل ئېيىدا 130 قېتىم، ئاۋغۇستتا 82 قېتىم كەلكۈن كەلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 7114 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2023 13:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق