ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ چىن گاڭ ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشكە چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى دىپلوماتىيەدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولۇش ۋەقەسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشكە چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى رەئىسى گۇنار ۋىگېند سىياسەتچى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ تۇيۇقسىز غايىپ بولغانلىقى ۋە ئىككى ئايدىن بېرى ئاشكارا كۆرۈنۈپ باقمىغانلىقى ھەققىدە خىتاي رېجىمىنىڭ چۈشەنچە بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

سىياسەتچى تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىدىن ھالقىپ، تەيۋەن مەسىلىسى، خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى ۋە خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىچە بېرىپ يەتكەن.

چىن گاڭنىڭ تۇيۇقسىز ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇشى سەۋەبلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسى مەسئۇلى جوسېپ بورېلنىڭ خىتاي زىيارىتى پىلانى كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، جوسېپ بورېل كۈز ئايلىرىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

خىتاي رېجىمى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى قايتىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىنىپ، ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان چىن گاڭنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1360 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2023 11:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق