ئوخشىمىغان تەدبىرلەر خىتايدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتنى قوللاش كۈنتەرتىپىدە بولسىمۇ، ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى داۋاملىق تۆۋەنگە چۈشۈرمەكتە.
بىلۇمبېرگنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بولغان كۆز قارىشى كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان بولۇپ، 2023-يىلىدىكى ئوتتۇرىچە ئېشىش مۆلچەرى ئالدىنقى %5.2 تىن %5.1 كە تۆۋەنلىگەن. مۆلچەردىكى بۇ تۈزىتىش ئاساسلىقى ئۈچىنچى پەسىللىك مۆلچەرنىڭ تۆۋەنلىشىدىن بولغان.
ئىقتىسادشۇناسلار بۇ پەسىلدە خىتاينىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى %4.6 ئورنىغا %4.4 بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش بىلەن بىرگە، 2024-يىلىدىكى ئېشىش مۆلچەرىنىمۇ خىتاي رېجىمى ئىلگىرى سۈرگەن %5 لىك نىشاندىن يىراق ھالدا %4.5 بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاينىڭ كاپىتال بازىرىنى سەپەرۋەر قىلىش قەدەملىرىمۇ چەكلىك ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادى بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يوقاتقان. دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار يەر شارىنىڭ ئىقتىسادى ئېشىشىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەچكە، نۆۋەتتە «قىزىل ئەجدىھا ۋەھىمىسى» دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تاراتقۇلارنىڭ باش تېمىسىغا ئايلانماقتا.
تېخى سەككىز ئاي ئىلگىرى خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن «ئەپسانە قايتىپ كېلىۋاتىدۇ»، «ھالسىرىغان ھالدا يۇقۇمدىن قۇتۇلغان خىتاي قاتتىق ‹نۆل يۇقۇم› سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، خەلقئارا سودا ۋە ساياھەت بىلەن دۇنياغا قايتا ئۇلىنىدۇ» دەپ خەۋەرلەر يېزىلغان ۋە ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەقىل ئامبىرى خىتاينىڭ 2030-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى خوجايىنىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسى ئىشقا ئاشمىغان.
بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە خىتاي ئىقتىسادى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يوقاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېكسپورتنىڭ تۆۋەنلىشى، پارچە سېتىشنىڭ ئاجىز بولۇشى ۋە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان ئۆي-مۈلۈك كەسپى خىتاي ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
خىتاي رېجىمى ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئايدا پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئىسلاھات يۈرۈشلۈك پىلانىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئۆسۈم نىسبىتىنى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن قىلغان. شۇنداقتىمۇ چىقىم يەنىلا ئەسلىگە كېلەلمىگەن، ئېكسپورت تۆۋەنلىگەن، ئىستېمالچىلار باھاسى ئالدىنقى ئايدا تۆۋەنلىگەن.
ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى بۇ ھەپتىدىكى مۇقاۋىسىنى خىتايغا ئايرىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭنى «شىنىڭ مەغلۇپ بولغان مودېلى» ماۋزۇلۇق باش ماقالىسى بىلەن قاتتىق تەنقىد قىلغان.
ژۇرنال يەرشارى تاۋار بازىرىدىكى ۋەھىمىنى خۇلاسىلەپ، خىتاي دۇنيادىكى نېفىتنىڭ بەشتىن بىرىنى، پىششىقلانغان مىس، نىكېل ۋە سىنىكنىڭ يېرىمىنى، تۆمۈر رۇدىسىنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسمىنى ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ قايتا-قايتا خاتالىق سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ئەمدى قىسقا مۇددەتلىك تەرەققىياتقا قىزىقمايۋاتقانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە داۋاملىق توقۇنۇش ئىچىدە بولۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتايدىكى ئەڭ چوڭ چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولغان BASF نىڭ خوجايىنى مارتىن برۇدېرمۇللېر «خىتايلار بەختسىز ۋە ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا نۇرغۇن پۇل خەجلەيدۇ. ئەمما ئەڭ يېڭى ئىشسىزلىق نىسبىتى %20. ئۇلار ئۆي-مۈلۈكتە نۇرغۇن زىيان تارتتى. ھازىر ئۇلار خەجلەشتىن قورقىدۇ» دېگەن.
گېرمانىيە خىمىيەلىك بۇيۇملار شىركىتى Evonik نىڭ مۇدىرى ماركۇس شۇخ «قۇرۇلۇش كەسپى كرىزىسقا دۇچ كەلدى، ئىشسىزلىق ئېغىر مەسىلە، خىتاينىڭ ئەسلىگە كېلىشى ناھايىتى ئاستا ئىلگىرىلىمەكتە» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە خىتاي ئىستېمالچىلىرى ۋە كارخانىلىرى خىتاي رېجىمىنىڭ چوڭقۇر ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى تونۇش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر شى جىنپىڭ بۇ نېگىزلىك مەسىلىنى ھەل قىلمىسا، باشقا تەدبىرلەرنىڭ بۇ يۈزلىنىشنى توختىتىشقا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر