ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنىڭ ئۈنۈمى بولدىمۇ؟

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى ئىجرا قىلىۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا تارماقلىرى بۇ جەرياندا بىر يېرىم مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ماللارنى تۇتۇپ قالغان. ئەمما بىر قىسىم شىركەتلەر يەنىلا بۇ قانۇندىن ئەگىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنماقتىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» رەسمىي ماقۇللىنىپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارالغان جەمئىي بىر مىليارد 400 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مالنى تۇتۇپ قالغان. ئەمما پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتىن قۇياش ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىغىچە بولغان تۈرلۈك ساھەلەردە يەنىلا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، بازارنىڭ زور ئېھتىياجى بولسىلا، يەنىلا بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغانلىقىنى، شىركەت-كارخانىلارنىڭمۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»دىن ئەگىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېنېدى خەلقئارا ئەدلىيە مەركىزى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان قۇياش ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئالاقىدار باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلغان. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا قارىماي، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلماقتىكەن. قۇياش ئېنېرگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر قىسىم شىركەتلەر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن، پەقەت ئامېرىكا بازىرى ئۈچۈنلا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولمىغان تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇپ چىققان. ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دەسلەپتە ئىمپورت چەكلىمىسى ئاساسلىق كىيىم-كېچەك، پاختا، پەمىدۇر ۋە كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي قاتارلىق تۆت خىل مەھسۇلاتقا مەركەزلەشكەن. ئەمما كېيىنچە يەنە توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى، دورا، ماشىنا زاپچاسلىرى ۋە بىر قىسىم مېتاللارغىچە كېڭەيگەن. بۇ تېخىمۇ كۆپلىگەن ساھەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى قانۇنىي ئاساس بىلەن توسۇپ قېلىنغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا ۋە بىر قىسىم لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى رەسمىي قانۇن تۇرغۇزۇپ چەكلەش جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن ماس قەدەمدە ماڭمىغان. بۇ سەۋەبلىك مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەرگە داۋاملىق ئوچۇق-ئاشكارا ئىمپورت قىلىنىپ كەلگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» بۇلتۇر 21-ئىيۇندىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى ئىسپاتلانمىغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاندا ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمىغا چېتىشلىق زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشى چەكلەنگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1483 قېتىم كۆرۈلدى
29/08/2023 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق