ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەكتەپ سىرتىغىمۇ كېڭەيتىلمەكتە

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر يەسلى ۋە مەكتەپلەردە مېڭە يۇيۇش مائارىپىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاندىن سىرت، مەكتەپ سىرتىدىمۇ ھەرخىل سىناق تۈرلىرىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، خىتايلىشىش ۋە قىزىللىشىشقا مەجبۇرلانماقتا.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى» يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە «ئوچۇق-يورۇق بالا ياش-ئۆسمۈرلەر ئائىلىسى تۈرى» دېگەن نام بىلەن، مېڭە يۇيۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، كوممۇنىست ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر تۈرگە ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئاتالمىش «يەككە دېلو مۇلازىمىتى، قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى، پارتىيەگە تەلپۈنگەن قەلب بىلەن تۆت تارىخنى ئۆگىنىش، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تۇغۇلغان كۈن پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پائالىيىتى» قاتارلىق بەش تۈرگە مەجبۇرىي قاتنىشىدىكەن. بۇلاردىن باشقا خىتاي تىلى بويىچە تەربىيەلەش، قانۇن تەشۋىقاتى، خىتاي مەدەنىيىتى تەربىيەسى، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق ئون تۈرنى تاللاپ قاتنىشىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تۈرگە ئاساسەن ھازىرغا قەدەر تاماملانغان پائالىيەت جەمئىي 2963 مەيدان بولۇپ، پائالىيەتكە مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلغان ياش-ئۆسمۈرلەر 43 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. مەزكۇر تۈر 2018-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى مەھەللىدە نۇقتىلىق سىناق قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل تۈر دائىرىسى 40 مەھەللىگە كېڭەيتىلىدىكەن، شۇنداقلا ئۈرۈمچى مەركەز قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتكۈل ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىدىكەن.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئانا تىل-يېزىقىدىن، ئېتىقادىدىن، مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 6721 قېتىم كۆرۈلدى
29/08/2023 16:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق