مەھمۇد كاشغەرىينىڭ رەسىملىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ رەسىملىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

ئالەمشۇمۇل ئۇيغۇر ئالىمى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ مۇئەللىپى، داڭلىق تىلشۇناس، تۈركولوگ، بۈيۈك قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى مەھمۇد كاشغەرىي ئوردۇكەنت قەشقەرنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 45 كىلومېتىرچە كېلىدىغان ئوپال يېزىسى سۇلتان باغنىڭ ئازاق كەنتى دېگەن جايدا تەخمىنەن 1008-يىلى دۇنياغا كەلگەن.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تولۇق ئىسمى مەھمۇد بىن ھۈسەيىن بىن مۇھەممەدتۇر. تۈركچە Mahmud bin Hüseyin bin Muhammed El Kaşgari دەپ ئېلىنىدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىي ھىجرىيە 464-يىلى (مىلادىيە 1072-يىلى) 5-ئايدىن باشلاپ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى يېزىشنى باشلاپ، مىلادىيە 1074-يىلى تاماملىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەخەللۇسىغا «كاشغەرىي» دېگەن نامنى قوللانغان. مەھمۇد كاشغەرىي بۇ كاتتا ئەسىرىنى ھىجرىيە 467-يىلى (مىلادىيە 1075-يىلى) ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27-خەلىپىسى خەلىپە مۇھەممەد ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللاھقا تەقدىم قىلغان.

مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆرگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم. تەڭرى ئۇلارنى ‹تۈرك› دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى. دەۋرىمىزنىڭ قاغانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى...». ئۇ يەنە «بۇ دەۋردە تۈركىي تىلى ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتماقتا» دەپ يازغان. دېمەك، ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، كۈچى، تىل-يېزىقى دۇنيادا ئىككىنىڭ بىرى بولغان.

ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆز يۇرتى ئوپالغا ماكانلاشقان. مەھمۇد كاشغەرىي 1105-يىلى 97 ياشلىرىدا ۋاپات بولغان. ئالىم مەدرىسنىڭ سۇلتانباغ بىلەن تەكياگاھ دېگەن جاينىڭ شىمال تەرىپىگە دەپنە قىلىنغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2008-يىلىنى «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا (ئوتتۇرا ئاسىيا) يازغۇچىلار بىرلىكىمۇ 2008-يىلىنى تۈركىي تىللىرىنىڭ تۇنجى لۇغىتىنى يازغان بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا ئاتاپ، «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئېلان قىلدى.

ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئەمما تارىخ داۋاملىشىپ دەۋرىمىزگە كەلگەندە كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى بىزگە بولدى. مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ كىرىش سۆزىدە: «مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆرگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم...» دەپ يازغىنىنىڭ ئەكسىچە، دۆلەت قۇياشىنىڭ بىزنىڭ بېشىمىزدىن ئۇچۇپ ئايلىنىپ يۈرگەن دەۋرىگە توغرا كەلدى. يەنە «تۈرك تىلى ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتماقتا» دەپ يازغان ئانا تىلىمىزنى خىتايلار ۋەتىنىمىزدە ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىتىشىنىمۇ چەكلىدى. ئىچىمىزدىن چىققان بىر قىسىم نادان ياكى ئاڭسىز كىشىلەر بىز ئۇيغۇرلارنى گويا ئەرزىمەيدىغان مىللەتتەك كۆرىدىغان، تىلىمىزنىمۇ ئەرزىمەيدىغان تىلدەك كۆرۈپ كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، پەرۋاسىز قارايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا، بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە مەھمۇد كاشغەرىينىڭمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان پەرقلىق رەسىملىرى سىزىلىپ تارقىلىشقا باشلىدى. مەنچە بولغاندا بۇ رەسىملەر ئىچىدىن غازى ئەمەت (1933-2017) تەرىپىدىن سىزىلغان 1-رەسىمدىكى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ رەسىمى ئۇيغۇن ئىدى. چۈنكى بۇ رەسىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىيماسى، مەدەنىيىتى ھەم دەۋر ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى. ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە دىققەت قىلىشىمچە، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دەل مۇشۇ رەسىمى نېمىشقىكىن كۆپ ئىشلىتىلمەيۋاتىدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ باشقا رەسىملىرى ھەرگىزمۇ مۇنداقلا سىزىلىپ قالغان رەسىملەر ئەمەس. ئۇلار تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان كىتابلارنىڭ مۇقاۋىسىدا، مەخسۇس تەتقىقات ماقالىلىرىدە ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ئەمما ئەڭ ياخشىسى ۋە توغرىسى يەنىلا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۇيغۇر سىيماسى، ئۇيغۇر مەدەنىيتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شۇ رەسىمى دەپ قارايمەن.

بىز تارىخقا ئوبدانراق نەزەر سېلىشىمىز، تارىخقا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. مەن ھېچكىمگە ئۆز كۆز قارىشىمنى تاڭماقچى ئەمەسمەن. ئەمما يۇقىرىقىلارنى ئويلىغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىمنى يازدىم.

بىر-بىرىمىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلساق بۇ ئايرىم مەسىلە، ئەمما تارىخقا ھۆرمەتسىزلىك قىلساق، ئىگە بولۇشقا تېگىشلىكلىرىگە ئىگە بولمىساق، تارىخقا يۈز كېلەلمەيمىز. تارىخ ھەرگىزمۇ كۆز بويامچىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ. بىزنىڭ تارىخىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەسىلىگە سەل قارىشىمىز ياكى بىپەرۋالىق قىلىشىمىز كەلگۈسىدە ئېغىر ئاقىۋەت ياكى تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىزنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشىمىز تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، تارىخ ئېتىراپ قىلىدىغان ھەم تارىخقا، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

2023-يىلى 17-ئاۋغۇست

بۇ خەۋەر 1835 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2023 16:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق