ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رېيموندو دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك سودا تەدبىرلىرىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلاشنى مەقسەت قىلغان تۆت كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 27-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رېيموندو بېيجىڭدا خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى لىن فېڭ تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، كۈتۈۋېلىشتا ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنسمۇ بار ئىكەن. ئۇلار شاڭخەيگە بېرىشتىن بۇرۇن دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى بېيجىڭدا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىكەن ۋە باش ئەلچى نىكولاس بۇرنس سۆھبەتلەردە رېيموندوغا ھەمراھ بولىدىكەن.
ئامېرىكا نۆۋەتتە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە ئېرىشىشىنى توسماقتا. بۇنىڭ بىلەن خىتايمۇ داڭلىق ئۆزەك شىركىتى مىكرون تېخنولوگىيە شىركىتىدىن مەھسۇلات سېتىۋېلىشنى چەكلەپ، مىنتزغا دەلىللەنمىگەن ئىستاتىستىكا خىزمىتى ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا 1.5 مىليون دوللار جەرىمانە قويغان. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىي كەيپىياتتا تۇرماقتا.
رېيموندو پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن كابىنېتىنىڭ يېقىنقى ئايلاردا خىتايغا قىلغان ئۈچىنچى مىنىستىرى بولۇپ، ئۆتكەن ئايلاردا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ۋە مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن خىتاينى زىيارەت قىلغانىدى.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رېيموندونىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئىجابىي سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
باياناتتا سۆھبەتنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتى، ئامېرىكا كارخانىلىرى يولۇققان خىرىس ۋە ھەمكارلىقنىڭ يوشۇرۇن ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
رېيموندو ئىلگىرى خىتايغا ئۇلارنىڭ ئامېرىكا پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنى نىشانلاش ئۇسۇلى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماسلىق مەسىلىسىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن سودا يولىنى تېپىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
رېيموندو مايدا خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى كابىنېت دەرىجىلىك ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزۈپ، سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېكسپورت سىياسىتى قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلغانىدى.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان ئالدىنقى ھەپتە رېيموندونىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىنى ئۈزۈش ياكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئاجىزلىتىش نىيىتى يوقلۇقىنى، بەلكى خەتەرنى ئازلىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر