ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بايقۇت زىددىيىتى باشلاندى

خىتايدا ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىمادىن رادىيوئاكتىپلىق بۇلغانما سۇنى دېڭىز-ئوكيانغا قويۇپ بېرىش پىلانىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلاردىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ پاي چېكى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىدى.

بىلۇمبېرگ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ياپونىيەنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىدىن كېيىن، ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئېھتىياجى يۇقىرى شىركەتلەرنىڭ پاي باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

خىتايدىكى بىر قىسىم تور سۆھبەت گۇرۇپپىلىرىدا ياپونىيەدە 2011-يىلدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى دېڭىز تاشقىنى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان فۇكۇشىما داي-ئىچى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ رادىيوئاكتىپلىق بۇلغانما سۈيىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى قىلىنغان بولۇپ، تور سۇپىسىدا شىسېئىدو، پاناسونىك، Uniqlo ۋە مىتسۇبىشى قاتارلىق شىركەتلەرنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇنىڭ بىلەن توكيودىكى شەخسىي ئاسراش مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى شىسېئىدونىڭ پاي باھاسى %3.3 تۆۋەنلەپ، بەش ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. بىلۇمبېرگنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي بازىرى شىركەتنىڭ ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %30 نى ئىگىلەيدىكەن.

پارچە سېتىش شىركىتى تاكاشىمايانىڭ پاي باھاسى %5 تىن كۆپرەك چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئاياغ ساتقۇچى ABC-Mart نىڭ پاي باھاسى %3 تىن كۆپرەك چۈشۈپ كەتكەن.

ئالدىنقى ھەپتە ياپونىيە رادىيوئاكتىپلىق پاسكىنا سۇنى دېڭىز-ئوكيانغا قويۇپ بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ياپونىيەدىن بارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانىدى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ «خاتالىق»نى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

Mito ئاكسىيە فوندىنىڭ دىرېكتورى ھاجىمە ساكاي (Hajime Sakai) خىتاي رېجىمىنىڭ ياپونىيەنىڭ قارارىغا بولغان ئىنكاسىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە قاتتىق بولغانلىقىنى، ھەتتا ياپونىيەگە قىلىنىدىغان ساياھەتلەرنىڭمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ۋە بايقۇت قىلىشنىڭ سودا دۇنياسىغا تارقىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1386 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2023 16:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق