ئارگېنتىنا پىرېزىدېنت نامزاتلىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە قوشۇلۇشقا قارشى چىقتى

ئارگېنتىنانىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇھىغا قوشۇلۇش قارارى دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك نارازىلىققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئىككى پىرېزىدېنت نامزاتى بۇ قارارنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 27-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئارگېنتىنادىكى ئاساسلىق ئىككى ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن ھاۋىيېر مىلېي ۋە پاترىشا بۇلرىچ ئارگېنتىنانىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە قوشۇلۇش قارارىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

ھاۋىيېر مىلېي بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت تىنچلىق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە ئەركىن سودىنى قوغدايدىغان دۆلەتلەر بىلەنلا مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقىنى، ئەمما كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇھىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بۇ يولدا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. پاترىشا بۇلرىچنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ كەسكىن بولۇپ، ئەگەر پىرېزىدېنت بولۇپ قالسا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇھىغا ھەرگىز ئەزا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇھى خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان، بىرازىلىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئىبارەت بەش دۆلەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە 15-نۆۋەتلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا، 2024-يىلى 1-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، ئارگېنتىنا، مىسىر، ئېفىيوپىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇھىغا ئەزا بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1324 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2023 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق