شى جىنپىڭ تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىدى

خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ 15-قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن قايتىپ، 26-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىگە بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ تۇيۇقسىز زىيارىتى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باش جىنايەتچىسى شى جىنپىڭ ئالدىنقى ھەپتە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ 15-قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان بولۇپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 26-ئاۋغۇست تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە بارغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تېررور سىياسەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» ۋە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ چىققان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايغا نىسبەتەن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋاملىق كۈچەيتىلىپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «مۇقىملىقنى كۈچەيتىش»، «تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى تۈزەش» قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىجرا قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

شى جىنپىڭ يىغىندا يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، ئاتالمىش «ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش»، «قاراتمىلىق ھالدا تۈرلۈك ساختا ئاممىۋى پىكىر، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق سۆزلەرگە رەددىيە بېرىش»، «دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ساياھەتكە كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇش» قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭ 2014-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جازا لاگېرىغا قاماش ھەرىكىتى جىددىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى. ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتۈپ، 2022-يىلى 7-ئايدا شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ كۈتكىنىدەك ئىجرا قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپلا ئۇنىڭ ئۈرۈمچىنى قايتا زىيارەت قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 5813 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2023 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق