تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ 20 ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەن مۇداپىئە بوشلۇقىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئالدىنقى 24 سائەت ئىچىدە خىتاينىڭ 20 ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەن مۇداپىئە بوشلۇقىغا كىرگەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن تەشكىل تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالدىنقى ھەپتە خىتاي تەيۋەننىڭ ئەتراپىدا بىر كۈنلۈك مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر مانېۋىردا تەيۋەن مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدېنىڭ پاراگۋاي زىيارىتىدىن كېيىن ئامېرىكىدا قىسقا مۇددەت توختىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا خىتاينىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى مانېۋىرىنىڭ ئاخىرلاشقان-ئاخىرلاشمىغانلىقىنى جەزم قىلالمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.
خىتاينىڭ دېڭىزدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ياپونىيەمۇ ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ياپونىيە مۇداپىئە تارماقلىرى تۈنۈگۈن بەرگەن باياناتىدا رېئاكتىپ ئايروپىلانلارنى جىددىي ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ياپونىيە ۋە تەيۋەن ئەتراپىدا ئۇچۇۋاتقان خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم