گۇگول تور كۆرگۈچ ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەكشۈرۈش قىستۇرمىسىغا يېقىنقى كۈنلەردە تۇيۇقسىز زور مىقداردا ناچار باھا چۈشكەن بولۇپ، بۇنىڭ پىلانلىق ھۇجۇم ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
گۇگول شىركىتىنىڭ كىرۇم تور كۆرگۈچى ئۈچۈن ياسالغان مەزكۇر قىستۇرمىنى خەلقئارالىق تەشكىلات «ئىنسان ھەقلىرى فوندى» تەييارلىغان بولۇپ، كىشىلەر توردىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماقچى بولسا، مەزكۇر قىستۇرما ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىكەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇگول كىرۇم تور كۆرگۈچىنىڭ تور بازىرىدىكى مەزكۇر قىستۇرما يېقىنقى مەزگىلدە تۇيۇقسىز كۆپلەپ چۈشۈرۈلۈپلا قالماي، نەچچە يۈزلىگەن ناچار باھاغا دۇچ كەلگەن. قىستۇرمىنى ناچار باھالىغۇچىلار ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان كارتون باش سۈرىتى ۋە بىمەنە ئىسىملارنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ناھايىتى ناچار ئىنگلىزچىسى بىلەن ئىنكاس يازغان. بۇنىڭغا ئاساسەن مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ خىتاي پىلانلىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن.
گۇگول شىركىتى بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل ئىنكاس قايتۇرۇپ، تور دۇكىنىنى ئەستايىدىل تەكشۈرگەنلىكىنى، نەچچە يۈزلىگەن ناچار باھانى تازىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم