مىكروسوفت: خىتاي خاككېرلىرى تەيۋەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى نىشانلىدى

ئامېرىكا تېخنىكا ماگناتى مىكروسوفت ئېلان قىلغان دوكلاتتا خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان قىلىنغان خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەيۋەندىكى ئون نەچچە ھۆكۈمەت ئورگىنىنى نىشانلاپ جاسۇسلۇق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 25-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، مىكروسوفت تەرىپىدىن «Flax Typhoon» دەپ ئاتالغان خاككېرلار گۇرۇپپىسى خىتاي رېجىمىغا چېتىشلىق بولۇپ، كەم دېگەندە 2021-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تەيۋەندىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى، مۇھىم ياسىمىچىلىق ساھەسىنى، ئۇچۇر تېخنىكا تەشكىلاتلىرىنى نىشانلىغان.

تەيۋەن ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي رېجىمىنى تور ھۇجۇمى ئارقىلىق جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئىسرائىلىيە ئۇچۇر بىخەتەرلىك شىركىتى تەكشۈرۈش نۇقتىسى بۇ يىل مايدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، 2023-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسىلدە تەيۋەن ئۇچرىغان تور ھۇجۇمى بارلىق دۆلەتلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. تەيۋەندىكى تەشكىلات ۋە ئورگانلار ھەر ھەپتە 3250 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىر يىل ئىچىدە %24 كۆپەيگەن.

مىكروسوفتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆزىتىلگەن پائالىيەتلەرگە ئاساسلانغاندا خاككېرلار «خىتاي قىڭرىقى» دەپ ئاتىلىدىغان ۋىرۇس ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە زىيارەت ھوقۇقىغا ئېرىشىدىكەن ۋە بۇ ئارقىلىق تەيۋەندىكى ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا  ئۇزۇن مۇددەت ئېرىشەلەيدىكەن.

مىكروسوفتنىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە مەزكۇر خاككېرلار گۇرۇپپىسى جاسۇسلۇق قىلىشقا ۋە توردىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سانلىق مەلۇمات توپلاش ۋە سىڭىپ كىرىشكە ئاجىز ئىكەن. مىكروسوفت خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن نىشانلانغان ئورگانلار بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تۈرلۈك جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى تەيۋەندىن باشقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئافرىقىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، مەزكۇر خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغۇچىلارمۇ بار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 848 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2023 11:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق