ئامېرىكىدىكى بىر داڭلىق تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رېجىمى بۇلتۇر 12-ئايدا قاتتىق يۇقۇم تەدبىرلىرىنى تۇيۇقسىز بىكار قىلغاندىن كېيىن، ئىككى ئاي ئىچىدە نورمال ئۆلۈش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سانى ئىككى مىليونغا يېقىنلاشقان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى داڭلىق تەتقىقات ئورنى بولغان فىرېد ھاتچىنسىن راك كېسىلى تەتقىقات مەركىزى خىتايدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئېلان قىلغان ئۆلۈش نىسبىتى سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە خىتاينىڭ تور دۇنياسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۈلگە ئېلىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرىقى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.
تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر خىتاي رېجىمى ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەستىن ۋە خەلقنىڭ تەييارلىقى بولمىغان ھالەتتە قاتتىق يۇقۇم تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، 12-ئاي ۋە 1-ئاي مەزگىلىدە خىتايدىكى نورمال ئۆلۈش نىسبىتىدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كىشىنى چۆچۈتىدىغان بولۇپ، 30 ياشتىن چوڭ بولغان بىر مىليون 870 مىڭ كىشى ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆلگەن. ئەمما خىتاي رېجىمى ئەينى ۋاقىتتا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىدا پەقەت 60 مىڭ كىشىنىڭ ۋىرۇس سەۋەبلىك ئۆلگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
خىتاي رېجىمى بۇلتۇر يىل ئاخىردا ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا يۇقۇمغا قارشى قاتتىق تەدبىر ۋە كەڭ كۆلەملىك قامالنى يولغا قويغانىدى. خىتاي بۇ سىياسىتىنى شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ ۋەھشىيلەرچە ئىجرا قىلغان بولۇپ، خەلقنى ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلغانىدى. ئىشىكلەرنى ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرىي تاقاش نەتىجىسىدە بۇلتۇر 24-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى بىر ئولتۇراق رايونىدا ئوت پاجىئەسى يۈز بەرگەن ۋە خىتاينىڭ قەستەن ۋاقتىدا قۇتقۇزماسلىقى قوشۇلۇپ، بىنادىكى 50 كە يېقىن ئۇيغۇر ئېچىنىشلىق يوسۇندا قازا قىلغانىدى. يۇقۇم باھانىسى بىلەن كۆپلىگەن جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان خىتاي رېجىمى 12-ئايدا تۇيۇقسىز قارارىنى ئۆزگەرتىپ، قامالنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم