كانادا يەنە ئۈچ داڭلىق شىركەتنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك تەكشۈردى

كانادانىڭ كارخانا نازارەت ئورگىنى Walmart، Hugo Boss ۋە Diesel قاتارلىق ئۈچ شىركەتنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر داڭلىق ماركىلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇلتۇر 28 ئاممىۋى تەشكىلات بىرلىكتە كانادانىڭ كارخانا نازارەت ئورگىنىغا شىكايەت سۇنۇپ، Walmart، Hugo Boss ۋە Diesel قاتارلىق ئۈچ شىركەتنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەمما ئۈچ شىركەتنىڭ ھەممىسى ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپلا قالماي، مۇپەتتىشنىڭ دەسلەپكى قەدەملىك تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشنى رەت قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا مەسئۇل مۇپەتتىش بۇ ھەقتىكى شىكايەتكە ئاساسەن تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كانادا كارخانا نازارەت ئورگىنى يېقىنقى بىر-ئىككى ئاي ئىچىدە رالف لورېن، نايك ۋە سۇلالە ئالتۇن كان شىركىتى قاتارلىق خەلقئارالىق شىركەتلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئوخشاش تەرىقىدە ئەيىبلەنگەنىدى. كانادا ئەمگەك مىنىستىرى بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدىكى باياناتىدا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر يىلى قانۇن چىقىرىپ، كانادانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 798 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2023 10:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق