كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، ئارگېنتىنا قاتارلىق ئالتە دۆلەتنى ئەزالىققا تەكلىپ قىلىندى.
ئەلجەزىرە تورىنىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى كىرىل رامافوسا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران قاتارلىق ئالتە دۆلەتنىڭ كېلەر يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان، بىرازىلىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش دۆلەت «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنى كېڭەيتىش مۇساپىسىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى، ئۆلچىمى، شەرتى ۋە تەرتىپى» توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان. 2024-يىلى 1-ئايدا دۆلەتلەر سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، ئارگېنتىنا، مىسىر، ئېفىيوپىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ تەشكىلاتتا ۋەكىل تۇرغۇزۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر دۇنيا نوپۇسىنىڭ %40 نى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن. مەزكۇر دۆلەتلەر بۇ ئەۋزەللىكلىرىنى كوزىرى قىلىپ پايدىلىنىشقا، شۇنداقلا باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان كىچىك دۆلەتلەرنى تەشكىلاتقا قوبۇل قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە تىرىشماقتىكەن.
نۆۋەتتە مەزكۇر تەشكىلاتنى كېڭەيتىش مەسىلىسىدە، ئوخشىمىغان تونۇشلار ساقلانماقتىكەن. مەسىلەن: ھىندىستان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كېڭەيتىپ، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى تەشكىلاتقا قوشۇۋېلىش ئىشقا ئېشىپ قالسا، رايوندىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ئۇندىن باشقا بىرازىلىيە بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىغا ھۆكۈمىتى ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ