نۆۋەتتە جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيچىلىك داۋاملىق كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىلىپپىن بىلەن بىرلىكتە دېڭىز چارلاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە بىلەن فىلىپپىننىڭ 2000 دىن ئارتۇق ئەسكىرى بىرلىكتە قۇرۇقلۇققا چىقىش، قونۇش ۋە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس ئاۋسترالىيەنىڭ فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسى چارلاش ئەترىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جەنۇبىي دېڭىزدا بىرلەشمە چارلاش ئىجرا قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنىمۇ قوشۇمچە ئۆتەۋاتقان رىچارد مارلېس 25-ئاۋغۇست فىلىپپىننى زىيارەت قىلىپ، فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گىلبېرتو تېئودورو بىلەن سۆھبەتلەشكەن.
رىچارد مارلېس ئاۋسترالىيە رادىيوسىغا: «بىز فىلىپپىن بىلەن دېڭىز-ئوكيان ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قىزىقىمىز، دېڭىز ئارمىيەمىزنىڭ فىلىپپىن بىلەن ئورتاق دېڭىز-ئوكيان چارلىشى ئىككى دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق بىر قەدەم» دېگەن.
ئۇ يەنە: «ئاۋسترالىيەنىڭ كۆپ قىسىم دېڭىز يوللىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىن ئۆتىدۇ. دۈشمەن ئاۋسترالىيە تۇپرىقىغا رەسمىي چىقىشتىن بۇرۇن، ئاۋسترالىيەنىڭ ئاساسلىق يولنى قامال قىلىشى ئاۋسترالىيەنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن» دېگەن ۋە: «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە ئورتاق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېگەنلەرنى ئىلاۋە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، كېلەر ئايدا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانېسمۇ فىلىپپىننى زىيارەت قىلىپ، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئانتونىي ئالبانىس 20 يىلدىن كېيىن فىلىپپىننى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى بولۇپ، ئۇنىڭ مەزكۇر زىيارىتى ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا رايونى ئىستراتېگىيەسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ