ئۇيغۇر ياش خەلقئارالىق مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى

شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ماھىر ئەلىشىر ئۆمەر موڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتوردا ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق شەرقىي ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن موڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتوردا ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق شەرقىي ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 17 ياشلىق ئۇيغۇر ياش ئەلىشىر 21 سېكۇنت 29 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئاخىرقى پەللىگە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ بارغان. بۇنىڭ بىلەن ئەلىشىر ئۆمەر تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇق سەھنىسىگە چىققان.

ئەلىشىر ئۆمەر 2006-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 2022-يىلى ئونسۇ ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ۋە ئاقسۇ تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ تىرېنېرى ئۇنىڭ ئالاھىدە تالانتىنى بايقالغان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ تەنتەربىيە مەشىقى 1-چوڭ ئەترىتىگە تاللىنىپ، نەتىجىسى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كەسپىي مەشىق قىلغىنىغا يېرىم يىل بولمىغان ئەلىشىر ئالدى بىلەن بۇ يىل 5-ئايدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەنU18  يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە شەرقىي ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە ئەرلەرنىڭ 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولغان ھەم 21 سېكۇنت 8 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. بۇ يىل 6-ئايدا خىتاي مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە ئۇ يەنە 46 سېكۇنت 53 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن شەرقىي تۈركىستان بويىچە قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى بۇزغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 21-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن تەييارلىق مۇسابىقىدە تېمپېراتۇرا 13 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئۇ 21 سېكۇنت 16 دەقىقىدە مۇساپىنى تاماملىغان. 22-ئاۋغۇست تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئۇ شامالغا قارشى يۈگۈرگەن تۇرۇپمۇ، 21 سېكۇنت 29 دەقىقىلىق نەتىجىگە ئېرىشكەن.

مۇسابىقىدىن كېيىن ئەلىشىر ئۈندىدار ئارقىلىق مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كېلەر قېتىملىق مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ رېكورتىنى يېڭىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5103 قېتىم كۆرۈلدى
25/08/2023 19:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق