خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى LinkedIn ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ مۇھىم ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئامېرىكا ئاۋازى 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى» بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ 930 مىليوندىن ئارتۇق ئابۇنىتلىرى بولغان LinkedIn تورى ئارقىلىق، مىڭلىغان ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىنى قولغا كىرگۈزۈشكە ۋە ئۇلارنى زور مىقداردا پۇل ياكى پايدا ئالىدىغان سودا تەكلىپلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، «روبىن جاڭ» ئىسىملىك بىر خىتاي ئىستىخبارات ئەمەلدارى ساختا ئاكسىيە شىركىتى ۋە تور بېكەت قۇرۇپ، لوندوندىكى داڭلىق ئىلمىي ئورگانلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرغان. ئۇ ساختا كىملىك ۋە شىركەت ئارقىلىق، ئەنگلىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى، مەمۇرلار، ئاكادېمىكلار ۋە مەخپىي سانلىق مەلۇمات ۋە سودا ساھەسىدە سەزگۈر تېخنىكىغا ئېرىشەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقە ئورناتقان.
روبىن جاڭ نىڭ ھىيلە-مىكىرلىك ھەرىكەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئەنگلىيە دۆلەت مەنپەئەتىگە قارشى ئىجرا قىلغان ئەڭ خەتەرلىك جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ بىرى دەپ قاراشقا يېتەرلىك ئىكەن. تايمىز گېزىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، روبىن جاڭ بېيجىڭدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىدە تۇرۇپ، ئەنگلىيەگە قارشى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى جوۋ فېڭسۇ ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ دائىم LinkedIn دا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە ئائىت تەلەپلەرنى ۋەLinkedIn غا تەۋە يالغان دوكلاتلارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ دائىم خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى بۇندىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، ئەنگلىيەنىڭ تېخنىكىلىرىغا ۋە تەتقىقاتلىرىغا كۆز تىككەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ سودا ئەۋزەللىكىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
LinkedIn شىركىتى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، تور بەتتىكى ساختا ئارخىپلارنى، دۆلەتلەر قوللىغان تۈرلەرنى ۋە ئالدامچىلىق ھېسابلىرىنى قەتئىي رەۋىشتە تازىلاشقا ۋەدە بەرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ