خىتاي ئامېرىكىنى تىبەتتىكى باستۇرۇشقا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىجرا قىلغان ۋىزا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەردە تىبەت ئۆسمۈرلىرىگە قىلغان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش قارارىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ: «ئەگەر بۇ قارار ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان تەقدىردە، چوقۇم كەسكىن ئىنكاس قايتۇرىمىز» دەپ جار سالغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تىبەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى ئىجرا قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 22-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ مەجبۇرلاش سىياسىتىنىڭ تىبەت ياش ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزگىچە تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى ۋە: «بىز خىتاي دائىرىلىرىنى تىبەت ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۆسمۈرلەرنى دائىرىلەر باشقۇرۇشىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي سولاشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا، شۇنداقلا باستۇرۇش خاراكتېرلىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» تەكىتلىگەنىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ۋىزا چەكلىمىسىنىڭ نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياكى سابىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ