چەت ئەل ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى خىتايدىن چېكىنىشكە باشلىدى

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقى قاتارلىق سەۋەبلىك تۈپەيلىدىن، كۆپلىگەن چەت ئەل ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى خىتايدىكى مۇلازىمەتلىرىنى قىسقارتىشقا، ھەتتا پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈشكە باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 24-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بېرى خىتايدىكى ئىقتىسادىي چېكىنىش توغرۇلۇق خەۋەرلەر كۆپلەپ تارقالغان بولۇپ، بۇ ئاي خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئىككى يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، خىتايدا تۇنجى قېتىم پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي رېجىمى ئالدىنقى ئايدا يېڭى يولغا قويغان «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» چەت ئەل شىركەتلىرىگە خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى تۇراقسىزلىقنى كۆرسىتىپ بەرگەن. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ۋە سىياسىي بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم داڭلىق چەت ئەل ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى ئازايتىشقا، ھەتتا خىتايدىن پۈتۈنلەي چېكىنىشكە باشلىغان.

كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ ئالاقىدار مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا بويىچە كىرىمى ئەڭ يۇقىرى خەلقئارالىق ئادۋوكاتلىق ئورنى Latham & Watkins بۇ يىل شاڭخەيدىكى 20 يىللىق ئىش بېجىرىش مەركىزىنى تاقايدىكەن.

خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا تىجارەت قىلىشقا تىزىملاتقان چەت ئەل ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىنىڭ سانى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا بەش يىل ئىزچىل ئازايغان. 2017-يىلى 244 چەت ئەل ئادۋوكاتلىق ئورنى خىتايدا ئىشخانا قۇرغان. ئەمما بۇلارنىڭ سانى 2018-يىلىغا كەلگەندە 230 غا، 2019-يىلىغا كەلگەندە 225 كە، 2020-يىلى217 كە، 2021-يىلىغا كەلگەندە بولسا 208 گە چۈشۈپ قالغان. بۇ يىل 14-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، چەت ئەل ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى 205 كە چۈشۈپ، بەش يىلدا 39 ئورۇن خىتايدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 574 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2023 18:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق