خىتاي تاموژنا باش مەھكىمىسى ياپونىيەدىن سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىشنىڭ پۈتۈنلەي توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاموژنا باش ئىدارىسى 24-ئاۋغۇست يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ياپونىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان سۇ مەھسۇلاتلىرىنى، جۈملىدىن سۇ ھايۋانلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي تاموژنا باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشىدا فۇكۇشىما يادرو بۇلغانما سۇلىرىنىڭ دېڭىزغا قويۇپ يېرىلىشىدىن كېلىپ چىققان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ رادىيوئاكتىپلىق بۇلغىنىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىتاي رېجىمىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى بۇندىن ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما، سايتاما ۋە توكيو قاتارلىق 10 ۋىلايەت، شەھىرىدىن يېمەكلىك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا نازارەتنى كۈچەيتىپ، %100 تەكشۈرۈشنى يولغا قويماقچى بولغانلىقىنى، رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارنى تەكشۈرۈپ بايقاشنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ قېتىم خىتاي رېجىمى سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىنى توختىتىش ۋاسىتىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى يادرو بۇلغانما سۇلىرىنى قويۇپ بېرىش قارارى ھەققىدە توختىلىپ، سۇدىكى بۇلغانما نىسبىتىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەمدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى، دېڭىز ۋە ھاۋا بۇلغىنىشىدا ئەڭ كۆپ جىنايىتى بولغان خىتاينىڭ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى بۇ مەسىلىنى سىياسىي مەقسەت سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ