خىتاي ئەرەب ئۇسلۇبىدىكى مەسچىتلەرنى خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىش نامىدا، ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 23-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بېيجىڭدىكى چوڭ مەسچىت دودىيەن مەسچىتىنى خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بۇ يىل 4-ئايدا تاماملانغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىسلامىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئىمارەت ۋە مەسچىتلەرنىڭ چوقۇم خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، دىننىڭ مەۋجۇتلىقىغا خىرىس قىلىپ، دىنى ئېتىقادىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭ فاڭشەن رايونى دودىيەن بازىرىغا جايلاشقان دودىيەن مەسچىتى ئەزەلدىن ئەرەب-ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن تونۇلۇپ نامى چىققان. ئەمما بۇ مەسچىتمۇ بۇلتۇر خىتاي رېجىمىنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى يوشۇرۇنغان ئەرەبچە ئۇسلۇبتىكى ئىمارەتلەرنى ئۆزگەرتىش شامىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. بۇ مەسچىتنى بۇزۇپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى توققۇز ئايغا يېقىن داۋاملىشىپ، بۇ يىل 4-ئايدا تاماملانغان.
خوڭكوڭ «شىڭداۋ كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى يېقىندا نەق مەيدانغا بېرىپ، مەسچىتنىڭ ئەسلى ئەرەب-ئىسلام ئۇسلۇبىدا سېلىنغان گۈمبەزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي ئۇسلۇبىدىكى راۋاق شەكىللىك گۈمبەزنىڭ ئالماشقانلىقىنى بايقىغان. ئۇندىن باشقا مەسچىتىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇب تەرىپىدىكى ھىلال ئاي ئورنىتىلغان ئىككى مۇنارمۇ چېقىۋېتىلگەن. پۈتۈن مەسچىت خىتايچە ئۇسلۇبتا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، مەسچىتنىڭ ھەممە يېرىنى «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى»، «كومپارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرەيلى»، «دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرايلى» دېگەندەك شوئارلار قاپلىغان.
خىتاي ئالدىنقى نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، ۋەھشىي ۋاسىتىلەر بىلەن بۇ قانۇننى ئىجرا قىلغانىدى. كېيىنچە بۇ قانۇننى خىتايدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغىمۇ ئاستا-ئاستا ئىجرا قىلىشقا باشلىغانىدى. خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى پىلانىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى تولۇق چەكلىگەندىن سىرت، ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىتنى چېقىۋەتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەن.
خىتاي ئالدىنقى ئايدا يەنە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، قۇرئاننى قايتىدىن تەرجىمە قىلىش، قۇرئاننى كۇڭزى ئىدىيەسى بىلەن شەرھلەپ، سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق رەزىل پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ