گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ دۇنيادا ئورتاق ياشاش مەسىلىسىگە خىرىس شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قارىتا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بېربوك 22-ئاۋغۇست ئاۋسترالىيە ئەقىل ئامبىرى لوۋىي ئىنستىتۇتىدا سۆزلىگەن سىنلىق نۇتقىدا ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىغا باش ئەگمەي قارشى تۇرغانلىقىنى ماختىغان ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ بۇنىڭدىن ساۋاق ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بېربوك ئاۋسترالىيە باشتىن كەچۈرگەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي باستۇرۇشى گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي ئاللىبۇرۇن ئۆزگەردى، بۇ سەۋەبلىك بىزنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىمىزمۇ ئۆزگىرىشى كېرەك» دېگەن.
ئۇ يەنە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ياۋروپاغا نىسبەتەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق قىلمىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، گېرمانىيەنىڭ ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بېربوك خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى، باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان خىتاينىڭ بىر سىستېمىلىق رەقىب ئىكەنلىكىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا ئىشىنەلمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم