ئامېرىكا تىبەت سىياسىتىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى ئىجرا قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تىبەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى سەۋەبلىك، بىر تۈركۈم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى ئىجرا قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياكى سابىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يېڭىدىن ۋىزا چەكلىمىسى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ سەۋەبى مەزكۇر خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەردە مىليوندىن ئارتۇق تىبەت ئۆسمۈرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جىنايىتىگە قاتناشقانلىقى ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 22-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ مەجبۇرلاش سىياسىتىنىڭ تىبەت ياش ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزگىچە تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىلىنكېن باياناتىدا يەنە: «بىز خىتاي دائىرىلىرىنى تىبەت ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۆسمۈرلەرنى دائىرىلەر باشقۇرۇشىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي سولاشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا، شۇنداقلا باستۇرۇش خاراكتېرلىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

«كۆچمەنلىك ۋە دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى»نىڭ 212-ماددىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىگە كۆرۈنەرلىك ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىش ۋىزىسىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى بېكىتىلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شەخسىي ۋىزا ئارخىپىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش سەۋەبلىك، ۋىزا چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

مەزكۇر باياناتچى بۈگۈن ئېلان قىلىنغان ۋىزا چەكلىمىسىنىڭ نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياكى سابىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ باشقا مىللەتلەردىكى دىنىي ۋە مەنىۋى ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى، ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنى، ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى، ژۇرنالىستلارنى، ئەمگەك تەشكىللىگۈچىلىرىنى، پۇقراۋى جەمئىيەت تەشكىللىگۈچىلىرىنى ۋە تىنچ نامايىش قىلغۇچىلارنى باستۇرىدىغان سىياسەت ۋە ھەرىكەتلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 867 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2023 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق