خىتاي بۇ قېتىم خوڭكوڭدىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي رېجىمى ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، 14-ئاۋغۇستتىن 20-ئاۋغۇستقىچە خوڭكوڭدىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەكنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى «زىيارەت» قىلدۇردى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى 14-ئاۋغۇستتىن 20-ئاۋغۇستقىچە خوڭكوڭ ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن تەشكىللەنگەن 20 كىشىنى سانجى، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى مەنزىرە رايونى، مەكتەپ، يېزا-كەنت، مەسچىت، كارخانا، بازار قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرغان.

زىيارەت داۋامىدا ئىسلام دىنى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ شىڭبېن سۆز قىلىپ: «ھازىرقى شىنجاڭ غەربتىكى بەزى تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان مەزمۇنلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن، بىز شىنجاڭدا جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىكەنلىكى، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، مەدەنىيەتنىڭ رەڭدار، گۈللەنگەنلىكى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردۇق» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي رېجىمى زىيارەت ئۆمىكىنى يەنە كۆز بوياش ئۈچۈن ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ كۇتۇپخانا، ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى قاتارلىق جايلىرىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ، «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» تېررور سىياسىتىنى ئاشكارا قانۇنلاشتۇرغانىدى. خىتاي رېجىمى ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىسلام دۈشمەنلىكى پىلانىغا ئاساسەن، ھازىرغا قەدەر 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىۋەتتى ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. شەرقىي تۈركىستاندا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىسلام دىنىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئىسلامغا قارشى تېررور سىياسىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلام دۇنياسىدىن ھەرخىل ناملار بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ساختا سەھنە، مەيدانلارنى كۆرسىتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4144 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2023 14:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق