ئامېرىكا سودا مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 27 شىركەت، ئورگىنىغا يۈرگۈزۈلگەن جازانى ئەمەلدىن قالدۇردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 21-ئاۋغۇست مەزكۇر قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ 27 شىركەت، ئورگىنى «تەستىقلاشتىن ئۆتمىگەنلەر» تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدىن باشقا، يەنە ئىككى خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ بار ئىكەن.
«تەستىقلاشتىن ئۆتمىگەنلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەت ياكى ئورگانلار ئامېرىكىنىڭ شىركەت ياكى ئورگان-تەشكىلاتلىرىدىن مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسا، چوقۇم ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىغا ئىجازەتنامە ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك ئىكەن. ئەكسىچە بولغاندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھېسابلىنىپ جازالىنىدىكەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇر شىركەت، ئورگانلارنىڭ «قانۇنلۇق ۋە ئىشەنچلىك» ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك جازا تىزىملىكىدىن چىقارغانلىقىنى قەيت قىلغان. خىتاي تەرەپ بولسا ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رېموندو خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، 27-ئاۋغۇستتىن 30-ئاۋغۇستقىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان ئامېرىكا سودا مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىنى ئۈزۈش ياكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئاجىزلىتىش نىيىتى يوقلۇقىنى، بەلكى خەتەرنى ئازلىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ نۆۋەتتە كەسكىن رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما كەسكىن رىقابەت جەريانىدا قويۇق دىپلوماتىيە ئارقىلىق كونترول قىلىپ، رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ