ئوتتۇرا ئامېرىكا پارلامېنتى 21-ئاۋغۇست ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، تەيۋەننىڭ مەزكۇر ئورگاندىكى «مەڭگۈلۈك كۆزەتكۈچى دۆلەت» سالاھىيىتىنى بىكار قىلىپ، ئورنىغا خىتاينى ئالماشتۇردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوتتۇرا ئامېرىكا پارلامېنتى دۈشەنبە نىكاراگۇئا تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان تەيۋەننى سىقىپ چىقىرىشقا ئالاقىدار تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللىغان. مەزكۇر قاراردا تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى ئىكەنلىكى، شۇڭا مەزكۇر ئورگاندىكى كۆزەتكۈچى دۆلەتلىك سالاھىيىتىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى، تەيۋەننىڭ ئورنىغا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنى كۆزەتكۈچى دۆلەت قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
تەيۋەن ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئوتتۇرا ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى نىكاراگۇئا ۋەكىللىرى ۋە باشقا خىتايپەرەس پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەننى سىقىپ چىقىرىش سۇيىقەستى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى، تەيۋەن تەرەپنىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداش ئۈچۈن، مەزكۇر ئورگاندىن رەسمىي چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئوتتۇرا ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئوتتۇرا ئامېرىكا پارلامېنتى 1991-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، سالۋادور، ھوندۇراس، پاناما، دومىنىكا، گىۋاتېمالا ۋە نىكاراگۇئا قاتارلىق ئالتە ئەزا دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان، رايون خاراكتېرلىك پارلامېنت ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. تەيۋەن بولسا 1999-يىلىدىن تارتىپ، ئوتتۇرا ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى سەككىز كۆزەتكۈچى دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدىكى ئىقتىسادىي تەسىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك تەيۋەن بارا-بارا چەتكە قېقىلىشقا باشلىماقتا. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچىمۇ بۇ دۆلەتلەردە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى گېرمانىيە تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەردە ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم