خىتاينىڭ غايەت زور قەرز مەسىلىسى قايتىدىن باش كۆتۈردى

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، غايەت زور قەرز مەسىلىسىمۇ قايتىدىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، 2027-يىلغا بارغاندا خىتاينىڭ قەرزى GDP غا نىسبەتەن %150 گە يېقىنلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ناچار ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىش مەسىلىسىدە نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتاينى جىددىي خامچوت قورالىنى دادىل ئىشلىتىشكە چاقىرغان، ئەمما خىتاي رېجىمى بۇنداق ھەل قىلىش چارىسىدىن ئېھتىيات قىلىپ كەلگەن.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، گەرچە خىتاي مەركىزىي رېجىمىنىڭ قەرزى ئۆتكەن بەش يىلدا بىر قاتلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا GDP دىكى نىسبىتى %25 دىن تۆۋەن بولغان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مەزكۇر قەرزلەر يەرلىك رېجىملارنىڭ قەرزى، يەنە كېلىپ يوشۇرۇن قەرزى ئىكەن. ئۇلار ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مەبلەغ ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، دائىم پىلانلانمىغان پۇل-مۇئامىلە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتكەن.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، 2023-يىلى يەرلىك رېجىملارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىلىرىنىڭ قەرزى توققۇز تىرىليون ياۋروغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. ئەگەر پىلاندىن سىرت بولغان باشقا ئالاھىدە ھۆكۈمەت مەبلىغىنى قوشقاندا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە، خىتاينىڭ قەرزىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى نىسبىتى %120 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن، 2027-يىلغا بارغاندا بولسا بۇ نىسبەت %150 كە يېقىنلىشىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 840 قېتىم كۆرۈلدى
22/08/2023 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق