مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ياۋروپاغا داۋاملىق ئاقماقتا

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، خەلقئارالىق بېسىم ۋە تۈرلۈك جازالارغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بايلىقلار داۋاملىق شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق چەت ئەلگە توشۇلماقتا. جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن ياۋروپا بارىدىغان نۆۋەتچى پويىز ئالدىنقى ئون يىلدا جەمئىي 8000 قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە جېڭجۇ-شەرقىي تۈركىستان-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 8000 قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىغان بولۇپ، يىلدىن-يىلغا ئېشىپ ماڭغان. مەزكۇر لىنىيەدە 2013-يىلى پۈتۈن يىلدا 13 نۆۋەتچى پويىز قاتنىغان بولسا، بۇ يىل پەقەت ئالدىنقى ئايدىلا 325 نۆۋەتچى پويىز قاتنىغان. توشۇلغان ماللارنىڭ تۈرى بولسا ئون مىڭ خىلدىن ئاشقان.

خىتاي رېجىمى خەلقئارالىق جازا ۋە بېسىملارغا قارىماي، بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن غايەت زور مەنپەئەتكە ئېرىشسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تۆمۈر يول لىنىيەسى ئارقىلىق ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يەتكۈزگەن. بۇ ئارقىلىق ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنىڭ قىممەت، دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ ئاستا بولۇشتەك كەمچىللىكلىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، تېخىمۇ كۆپ پايدا ۋە ئەۋزەللىككە ئېرىشكەن.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 3957 قېتىم كۆرۈلدى
22/08/2023 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق