ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، خىتاي رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ مەيداندا تۇرغانلىقىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، رۇسىيە ئارمىيەسىگە تەمىنلىگەن ھەربىي ياردىمىنىڭ تۈرى ۋە سانى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىلگىنىدىن زور دەرىجىدە كۆپ ئىكەن.
ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى» تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان خىتاي رۇسىيەنى مۇداپىئە سانائىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تىك ئۇچار، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، ئوپتىكىلىق قارىغا ئېلىش ئۈسكۈنىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىگە كېرەكلىك مۇھىم مېتاللار بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.
ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى»نىڭ 19-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا ئۇكرائىناغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن بۇيان، رۇسىيە شىركەتلىرى، جۈملىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى، بىرونېۋىك، ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمان ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرىدىغان، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن رۇسىيە شىركەتلىرى خىتايدىن تۈركۈملەپ ماددىي تەمىنات تاپشۇرۇۋالغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا بىتەرەپ مەيداننى ساقلايدىغانلىقىنى ئىزچىل ھالدا دەۋا قىلغان، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنانى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلىشىگە قارشى تۇرۇپ ئەيىبلىگەن. خىتاي يەنە رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىنى ئىشغال قىلىش ھالىتىنى قوبۇل قىلىشقا قايىل قىلماقچى بولغان. ئەمما ئاسترىتتىن رۇسىيەنى غايەت زور ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلغان بۇ ماتېرىياللارنى «ھەربىي ۋە پۇقراۋى قوش ئىشلىتىلىشچان بۇيۇملار» دېگەن نامدا پەردازلاپ، رۇسىيە بىلەن قانۇنلۇق سودا قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
«كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى»نىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، خىتاينىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلاشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن 1000 يۈرۈش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سىستېمىسىنى رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلغان.
مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ سودىسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. يەنە كېلىپ بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قىلغان ئېكسپورتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەن بىر ۋەزىيەتتە شەكىللەنگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ