خىتاي ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزىنى بويىماقتا

خىتاي رېجىمى ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، 19-ئاۋغۇست ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن بىر ئۆمەكنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى «زىيارەت» قىلدۇردى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى جىبۇتىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى، مەزكۇر ئۆمەكنىڭ باشلىقى زىيائۇددىن بامەخرەمەنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئۆمەكنى 19-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇشقا باشلىغان. مەزكۇر ئۆمەك 21 دۆلەتنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللىرى ۋە تەشكىلات كاتىبات باشقارمىسىنىڭ بەش ئەمەلدارىدىن تەركىب تاپقان.

زىيارەتنىڭ بېشىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى، شۇنداقلا قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئىلزات ئەخمەت، ئابدۇرەقىب تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، يىغىن ئاچقان.

ئارقىدىن خىتاي رېجىمى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تۇنجى بولۇپ ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم بازارلارنى، چۈنجۇڭچۈن كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، بۇ ئورۇننى خىتاي رېجىمىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان رايون، دەپ تونۇشتۇرغان، شۇنداقلا زىيارەت ئۆمىكىنى ئالدىن تەييارلانغان قىرغىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە كۈتۈۋالغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، زىيارەت ئۆمىكىدىكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى، سەئۇدى ئەرەبىستان، گامبىيە، ماۋرىتانىيە ۋە پاكىستان ۋەكىللىرى زىيارەتتىن كېيىن خىتاينىڭ كۈتكىنى بويىچە بىلجىرلاپ: «خىتاي بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيانى تىنچ بىرگە ئۆتۈش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتتە ئۈلگە تىكلىدى. خىتاي شىنجاڭدىكى خەلقنى زوراۋان تېررورلۇق ۋە مالىمانچىلىق ۋە قورقۇنچتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مۇقىم ۋە بەختلىك ھاياتقا ئېرىشتۈردى. نەق مەيدان زىيارىتى ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق» دېگەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشغالىيەتچى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلغانىدى. بۇنىڭ قاتارىدا 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى. خىتاي مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىسلام دۈشمەنلىكى پىلانىغا ئاساسەن، ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئىسلامغا قارشى تېررور سىياسىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلام دۇنياسىدىن ھەرخىل ناملار بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ساختا سەھنە، مەيدانلارنى «زىيارەت» قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى جار سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى تەشۋىقاتىدا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى، ئىسلامغا قارشى تېررور سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2994 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2023 16:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق