شەرقىي تۈركىستانلىق ياش-ئۆسمۈرلەر ئۇچرىشىشى مانىسا شەھىرىدە باشلاندى

 

شەرقىي تۈركىستانلىق ياش-ئۆسمۈرلەر ئۇچرىشىشى تۈركىيەنىڭ مانىسادا باشلانغان بولۇپ، پائالىيەت ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ.

ئۇچرىشىشنى شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە 12 ياشتىن چوڭ 120 ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈر قاتناشتى. ئۇچرىشىش پائالىيىتى 19-ئاۋغۇست ئېچىلىش پىروگراممىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، 22-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىكەن.

ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ كېلەچەكتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىدىغان ئاڭ ۋە چۈشەنچىدە تەربىيەلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. پائالىيەت سۇ ئۈزۈش، پۇتبول، ۋالىبول، ئوقيا ئېتىش ۋە تۈرلۈك مىللىي ئويۇنلار، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك لېكسىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۇچرىشىش پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە تۈركىيە ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئەنەس ئىمىنئوغلى ئەپەندى ياش-ئۆسمۈرلەر ئۇچرىشىشىنى زىيارەت قىلدى. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستانلىق ياش-ئۆسمۈرلەر بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىزغىنلىقىنى ماختىدى.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆزئارا سۆھبەت، مۇنازىرە، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن داۋاملاشماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 6303 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2023 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق