18-ﺋﺎﯞغۇست ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﮔﻪ يېڭىدىن ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪنگەن ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺗﺎﻛﺎﮪﯩﻜﻮ ﻛﺎﺗﺴﯘﻣﺎﺗﺎ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪا ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻛﺎﮔﻮﺷﯩﻤﺎ ﺧﻪﻟﻘئارا ﺋﯘﻧﯩﯟېرسىتېتىدا ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﮪﺎﺯﯨﺮ ئەنقەرە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎئىي ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟېرسىتېتى ﭼﻪتئەل ﺗﯩﻠﻰ ﻓﺎﻛﯘلتېتى ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩوكتور ﮪﺎﺟﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﻗﺎﺩﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺷﺘﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺗﺎﻛﺎﮪﯩﻜﻮ ﻛﺎﺗﺴﯘﻣﺎﺗﺎ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩوكتور ﮪﺎﺟﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﺗﻪييارﻟﯩﻨﯩﭗ ﻧﻪشىر ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭكۈلوﮔﯩﻴﻪ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﮪﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ مىننەﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺳﯚھبەت ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺗﺎﻛﺎﮪﯩﻜﻮ ﻛﺎﺗﺴﯘﻣﺎﺗﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ۋە يېقىن ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ئېلىپ بېرﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ قىسىم ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮىلەشكەن. ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺗﺎﻛﺎﮪﯩﻜﻮ ﻛﺎﺗﺴﯘﻣﺎﺗﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩﺯىپىسى ﺋﯚتىگەن بولۇپ، ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﻨﻰ پىششىق ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻮﻝ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ھېسابلىنىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر