خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىككە ھەمدە ئىسلامى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىپ بايانات ئېلان قىلدى.
تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ نارازىلىق باياناتىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى ئىشغال قىلغانلىقى، ئىشغال قىلغاندىن بۇيانقى 74 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ۋەھشىيانە تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىپ ۋەھشىي باستۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىن قىلغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلەپلا قالماي، بەلكى ئىسلام ئەقىدىسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنى سەۋەبسىز تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا سولاپ ئاتا – ئانىنى بالىدىن، تۇغقاننى – تۇغقاندىن ئايرىغانلىقىنى، يېقىنقى ئالتە يىل ئىچىدە، 16 مىڭ مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكىنى ياكى ۋەيران قىلغانلىقىنى، خىتاي نەچچە كۈن ئىلگىرى قۇرئان كەرىمنى كۇڭزى ئىدىيەسى بىلەن شەرھلەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي قىلىش رەزىل پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قاتارلىقلارنى ئىسلام ھەمكارلىق ئەزالىرىنىڭ سەمىگە سالدى.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولماقچى بولغان ھەيئەت يېتەكچىسى باش ئەلچى زىيائۇددىن بامەخرەمە، ھەيئەت ئەزالىرى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ باش كاتىبات باشقارما مەسئۇللىرىنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى بويىچە، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىسلامدىكى ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى نامايەندە قىلغان ھالدا تەشكىلات نامىدا دوكلات تەييارلاپ، ئۈرۈمچى زىيارىتىنىڭ ئاخىردا بايانات ئېلان قىلىشقا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى زىيارەت ئۆمىكى باياناتى ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ ئىسلامى كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەشكە چاقىردى.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋاڭ يى تورىنىڭ 18-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى زىيارەت ئۆمىكى 17-ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېڭ لى، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى رەئىسى ياڭ فامىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى كۆرۈشۈش داۋامىدا خىتاي زور ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ