خىتاي ئىشلەپچىقارغان كالتە ئىشتاندا «ئاللاھ، مۇھەممەد» دېگەن مۇبارەك ئىسىمنىڭ بېسىلىشى دىققەت قوزغىغان.
17-ئاۋغۇست لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم فېيسبۇك سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىگەن بىر مىنۇتلۇق سىن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا دىققەت قوزغىدى.خىتاي ئىشلەپچىقارغان كالتە ئىشتاندا «ئاللاھ، مۇھەممەد» دېگەن مۇبارەك ئىسىمنىڭ بېسىلىشى دىققەت قوزغىغان بولۇپ، مەزكۇر سىن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ ھەمبەھرىلىگەن.
مەزكۇر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، كالتە ئىشتاننىڭ ئالدى ۋە ئارقىسىدا ئاز دېگەن يەتتە يەرگە «ئاللاھ، مۇھەممەد» دېگەن ئەرەبچە خەت بېسىلغان. ئۇندىن باشقا، بۇ ئىشتانغا يەنە ئارىلاپ چوشقىنىڭ بېشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان باش سۈرەتمۇ چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى چوشقا بېشى بىلەن بىر قاتارغا تىزىپ قويغانلىقىنى ھەرقانداق ئادەم بىلىپ يېتەلەيدىكەن. بۇنى ئەھۋالنى بايقىغان كىشىلەر ئىشتاننى ساتقان دوكانغىمۇ بارغان، بىراق سىن ئالغان كىشى دۇكاننىڭ پىلاكىتى ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان .
سىندىكى خەتلەر كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ، سىننى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىكەن.
خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا نەقەدەر ئۆچ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ۋەقەلەر ئىلگىرىمۇ خەلقئارادا نەچچە قېتىم ئاشكارىلانغان ئىدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۈزلۈكسىز ئىسلام دىنى قارشى تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلغاندىن باشقا، 2021-يىلى خىتاينىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى بىر ئاشخانىنىڭ ئىچىگە قۇرئان ئايەتلىرى ۋە شاھادەت كەلىمىسى يېزىلغان چاقچۇق ياتقۇزۇلغان. خىتايلارنىڭ بۇ چاقچۇقلارنى دەسسەپ ئولتۇرغانلىقى ھەققىدىكى كۆرۈنۈش تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى.
بىر قىسىم تورداشلار مەزكۇر سىندىكى ئاشخانىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تەيشەن شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، سىن تارقالغاندىن كېيىن ھەر قايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئۆلىمالار، جامائەت ئەربابلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ھەر خىل تىلدا بايانات ۋە چاقىرىقلارنى ئېلان قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىنى خىتاينىڭ بۇ ھاقارىتىگە قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشقا، ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغانىدى.
خىتاي بۇ يىل 30-ئىيۇل يەنەئاتالمىش : «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە قانداق چىڭ تۇرۇش كېرەك؟» تېمىسىدا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىتايلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. مۇزاكىرە يىغىنغا قاتناشقان خىتاي ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىزم بىلەن ئىسلام دىنىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاننى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، قۇرئاننى كۇڭزى ئىدىيەسى بىلەن شەرھلەپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمنى قانداق شەرھلەشتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ