ھىندىستان خىتايغا قارشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەندى

ھىندىستان خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 15-ئاۋغۇست خىتاي -ھىندىستان قوماندانلىرىنىڭ 19-نۆۋەتلىك خىتاي-ھىندىستان ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ چېگرادا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى ساقلاشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ھەمدە ھەربىي ۋە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئالاقىنى ساقلاپ قېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە گەرچە ئىككى تەرەپ قالغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنى تېزلىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يول قويۇشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئالامەت كۆرەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش، چېگرا توقۇنۇشىدا ئىپادىلەنگەندىن باشقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا يەنىلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولغان. ئامېرىكا سودا تاراتقۇلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى راند شىركىتى  نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە ئانالىزچىسى دېرېك گروسماننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھىندىستان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى،  بۇنىڭدىن مەقسەت جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىپ، خىتاينىڭ كۈچىگە ئورتاق قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدا كېڭىيىشىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، فىلىپپىن بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن 2016-يىللىق جەنۇبىي دېڭىز تالاش-تارتىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار  خەلقئارالىق كېسىم نەتىجىسىگە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى دۆلەت بۇ يىل 2-ئايدا BrahMos ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سودىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ھىندىستان يەنە بۇ يىل 6-ئايدا ۋىيېتنام دېڭىز ئارمىيەسىگە ھىندىستاندا ياسالغان قوغدىغۇچى پاراخوتنى ئىئانە قىلىپ، ئۇنىڭ دېڭىز مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ۋىيېتنام BrahMos ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 812 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2023 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق