خىتاي تاجىكىستاندىكى پۇقرالىرىنى بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

خىتاينىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تاجىكىستاندىكى ساياھەت بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 17-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تاجىكىستاندىكى ساياھەت بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتكەن. تاجىكىستان ساقچى تەرەپنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا جېڭ فامىلىلىك بىر خىتاي (ئايال) ئۆزى يالغۇز تاجىكىستاننىڭ گورنو-بەدەخشان ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئادەم ئاياغ باسمايدىغان باتاڭ دەرياسى ئەتراپىدا ساياھەت قىلىۋاتقاندا يوقاپ كەتكەن بولۇپ، تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تاجىكىستاندىن دەرھال قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي باش مەسلىھەتچى تاجىكىستاننىڭ مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تاجىكىستاننى بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ ئۇنى ئىزدەشكە دەۋەت قىلغان. تاجىكىستان تەرەپ جېڭ فامىلىلىكنىڭ ھازىرغىچە تېپىلمىغانلىقىنى، ئىزدەش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

شۇ سەۋەبلىك تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى تاجىكىستانغا بارىدىغان خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، زۆرۈر بولغان خەتەردىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتكەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەسكەرتمىسىدە، ساياھەت قىلغاندا مۇنتىزىم ساياھەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى تاللاش كېرەكلىكىنى، تاجىكىستاننىڭ پامىر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەم شالاڭ، جىددىي ئەھۋال كۆپ يۈز بېرىدىغان يەرلەرنى ساياھەت قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىشنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 935 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2023 17:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق