خىتاينىڭ شىنىڭ شەھىرى تۈركىيەنىڭ مەرسىن شەھىرى بىلەن قېرىنداش شەھەر بولۇش قەدىمىنى تاشلىدى

مەرسىن شەھەر باشلىقى ۋاھاپ سەچەر ۋە شىنىڭ شەھەر باشلىقى دۈەن فادا ئىمزالىغان ھەمكارلىق كېلىشىمى بىلەن مەرسىن بىلەن خىتاينىڭ شىنىڭ شەھىرى قېرىنداش شەھەر بولۇش قەدىمىنى تاشلىدى.

ئەسلىدە ئىككى شەھەر 2019-يىلى 20-ئىيۇل قېرىنداش شەھەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش نىيەت مەكتۇبىنى ئىمزالىغان بولۇپ، ئەمما خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغانىكەن.

بۇ قېتىم شىنىڭ شەھەر باشلىقىى دۈەن فادا ۋە شىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى گو تۇڭجۈن، شىنىڭ شەھەرلىك تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ باش دېرىكتورى شياۋ خوڭ ۋە شىنىڭ سودا ئىدارىسىنىڭ باش دېرىكتورى چېن شياپوپىڭ قاتارلىقلار مەزكۇر يېرىم قالغان ھەمكارلىق كېلىشىمىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن مەرسىنگە كەلگەن.

ۋاھاپ سەچەر تۆت يىلدىن كېيىن شىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىز 2019-يىلى 20-ئىيۇل شىنىڭدا سىلەرنىڭ مېھمىنىڭلار بولغان ۋە شۇ دەۋرنىڭ شەھەر باشلىقى بىلەن بىرلىكتە شىنىڭ شەھىرى بىلەن مەرسىن شەھىرىنىڭ قېرىنداش شەھەر بولۇشى ئۈچۈن ياخشى نىيەت كېلىشىمى تۈزگەنىدۇق. بۇ ياخشى نىيەت كېلىشىمى شەھەرلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى سودا، ئىقتىساد ۋە ساياھەت قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەنىدى» دېگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا شىنىڭنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا رايوندىكى تەرەققىياتلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «ئۇ كۈنى تاماملانمىغان بىر ئىشنى تاماملايمىز. بىز ئىككى شەھەرنىڭ قېرىنداش شەھەر بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كېلىشىمگە ئىمزا قويىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

شىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەئىسى دۈەن فادا بولسا ھىيلىگەرلىك بىلەن: «دېڭىز بويىدىكى بۇ گۈزەل شەھەر مەرسىنغا كەلگىنىمىزدىن تولىمۇ خۇشالمىز. مەن كېلىشتىن بۇرۇن مەرسىن ۋە تۈركىيە توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيتتىم. ئەمما مەرسىندا قىزغىن كۈتىۋېلىندۇق. مەن مەرسىننىڭ كۆپ خىللاشقان شەھەر ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمەن. بىز دېڭىز ساھىلىنى سەيلە قىلدۇق. مەرسىن ئىنتايىن پاكىز ۋە يېشىل شەھەركەن، ئۇنىڭ بىنالىرى ناھايىتى ياخشى ساقلانغان، يەردە بىر تال تاماكا پارچىسىمۇ يوق ئىدى. بىزنى بۇنداق كۈتۈۋالغانلىقىڭلاردىن ئىنتايىن خۇشالمىز» دېگەن.

سەچەر ۋە دۈەن فادا ئۆزئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان ۋە مەرسىن ۋە شىنىڭنىڭ قېرىنداش شەھەر بولۇشىدىكى مۇھىم قەدەم تاماملانغان.
كۈزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان ۋە تۈركىيەدىكى نۇرغۇن خەلق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە يېتەرلىك ئىنكاس بىلدۈرمەيۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇنىڭغا ئوخشاش قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى يەرلىك خەلقنىڭمۇ نارازىلىقىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 968 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2023 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق