خىتاي كاناداغا قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلمىدى

خىتاي كاناداغا قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسىنى خىتاي سىياسىتىگە قارشى پىكىر بايان قىلغانلىق باھانىسى بىلەن يەنىلا بىكار قىلمىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 17-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئالدىنقى ھەپتە ۋىرۇس يۇقۇمى تارقالغاندىن بۇيان يولغا قويۇلغان 70 نەچچە دۆلەتكە قارىتىلغان ساياھەت چەكلەشنى بىكار قىلىپ، خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ يولىنى ئاچقان بولۇپ، بىراق خىتاي كاناداغا بولغان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلمىغان. كانادا 2018-يىلى 700 مىڭغا يېقىن خىتاي ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن خۇاۋېينىڭ مەسئۇللىرىدىن مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ناچارلاشقان.

يېقىندىن بۇيان ئوتتاۋا خىتاينىڭ كانادانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئەيىبلەش ۋە تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى چارشەنبە كۈنى خىتاي ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كانادانى ساياھەت قىلىش چەكلىمىسىنى تېخى بىكار قىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، كانادادا ئاسىيالىقلارغا قارشى كەمسىتىش خاراكتېرلىك ھەرىكەت ۋە سۆز كۆپەيگەنلىكىنى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش سەۋەبلىك ساياھەت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلمىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خۇاۋېينىڭ قۇرغۇچىسى رېن جېڭفېينىڭ قىزى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى خۇاۋېينىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجوۋ 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋانكوۋېردا ئايروپىلان ئالمىشىش جەريانىدا قولغا ئېلىنغان، كانادا ساقچىلىرى مېڭ ۋەنجوۋنى ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قولغا ئالغانىدى ۋە مېڭ ۋەنجوۋ بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغانىدى. بۇ دېلو سەۋەبلىك كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە جىددىيچىلىك پەيدا بولغان ۋە ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي كانادانىڭ سابىق دىپلوماتى مايكول كوۋرىگ ۋە سودىگەر مايكېل سپاۋورنى قولغا ئالغانىدى.

خەلقئارا تاراتقۇلاردا مەزكۇر ئىككى كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشنىڭ مېڭ ۋەنجوۋ دېلوسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارالغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي رېجىمى بۇنى ئېتىراپ قىلمىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 793 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2023 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق